Apps by Abdullah karakas
Ewlat app icon

Education

Ewlat

Abdullah karakas

Free download 4.92 · 1 storefront · 13 ratings In-app purchases unconfirmed
Open on Apple

About this app

ئەۋلاد دېتالى ھەققىدە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! ئەۋلاد دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز ۋە ياقتۇرۇپ پايدىلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز. ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ www.ewlat.net توربېكىتىدە تارقىتىلغان كارتون ۋە فىلىملەرنى ئالما ئۈسكۈنىلىرىدە بىمالال كۆرەلىشىڭىز ئۈچۈن تەييارلانغان "ئەۋلاد" (EWLAD) ناملىق بۇ دېتالنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز. ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ياساتقۇزۇپ تارقىتىلغان "ئۇيغۇر ئەۋلاد" ناملىق ئەپنى چۈشۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز. قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! سىز چۈشۈرگەن بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ساغلام تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق: (يېڭىدىن تەييارلىنىدىغان ماتېرىياللار تەييار بولغانسېرى بۇ ئەپكە يوللىنىپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.) ئەپكە كىرگۈزۈلگەن ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە: 1- 3 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەركىب تاپقان "ئەخمەت ۋە دوستلىرى ئىمان-ئىسلامنىڭ شەرتلىرىنى ئۆگەنمەكتە" ناملىق كارتون فىلىم. 2- 32 قىسىمدىن تەركىب تاپقان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى چۈشەندۈرگەننىڭ سىرتىدا ھەر قىسىمنىڭ بېشىدا مەلۇم بىر تېما ھەققىدە توختالغان "مېنىڭ گۈزەل پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام" ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىم. 3- ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز بىلەن ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان بولغان نامازنىڭ ئوقۇلۇش قائىدىسىنى ۋە مۇھىم ئاساسلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ تارقىتىلغان جەمئىي 4 قىسىملىق "ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى" ناملىق كارتون فىلىم. 4- قۇرئان كەرىمنى يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر بىلەن ئۆزلۈكىدىن تەجۋىدىنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش ئەھمىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ تەييارلانغان ۋە 8 جېگابايتلىق 4 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەشكىل تاپقان بىر يۈرۈش "قۇرئانى كەرىم خەتمى" نىڭ پارىلار بويىچە ئايرىلغان ھۆججەتلىرى. 5- سېنارىيەسىنى مۆھتەرەم يۇسۇف ئەلقەرداۋىي قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئالىملار تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، قاتار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن mbc شىركىتى تەرىپىدىن بىرلىكتە مەبلەغ سېلىنىپ سۈرەتكە ئالدۇرۇلغان ۋە ئىسلام دۇنياسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغان 31 قىسىملىق "كۆپ قىسىملىق ھەزرىتى ئۆمەر فىلىمى" ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى. 6- قۇرئان كەرىمدىكى مۇھىم ھۆكۈملەرنى تېما قىلغان "قۇرئان يوليورۇقلىرى" ناملىق 30 قىسىملىق كارتون فىلىم. 7- 1990- يىللاردا تۈركىيەدە سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان ۋە تۈركىيەدە داۋالغۇش پەيدا قىلغان 2 قىسىملىق (تەخمىنەن 4 سائەت ئۇزۇنلۇقىدا) "مىنيەلىك ئابدۇللاھ" ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى. 8- ئاللاھ بىلەن قۇل ۋە بەندە بىلەن بەندە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەق-ھوقۇقلار تېما قىلىنىپ ئىشلەنگەن "قۇل ھەققى" ناملىق كارتون فىلىم. 9- قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى قېرىنداشتىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان ھابىل بىلەن قابىل قىسسىسى تېما قىلىنىپ ئىشلەنگەن "ھابىل بىلەن قابىل" ناملىق كارتون فىلىم. 10- بۈگۈن ياۋروپانىڭ ئىلىم-پەندە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان ئىلىم-پەننىڭ ئۇلىنى مۇسۇلمانلارنىڭ سالغانلىقىنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلغان "1001 كەشىپ ۋە كۇتۇپخانىنىڭ سىرى" ناملىق قىسقا فىلىم. ئۇندىن باشقا تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار دەپ قارالغان بىر قىسىم ئاۋازلىق ئەسەرلەر بىلەن ئۇيغۇرچە لايىھەلەنگەن كارتونلارنىمۇ بۇ دېتال ئارقىلىق كۆرۈپ پايدىلىنالايسىز. جانابى ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان، خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارنى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يوللار ئارقىلىق قىلىش ئېڭىغا ئىگە قىلسۇن. بىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلسۇن. ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتچىلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە بەخت - سائادەت، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئىمان – ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ھايات، خەلقىمىزگە شانلىق كېلەچەك يار بولسۇن. ئىقتىسادىي ياردەم ئۈچۈن ئادرېسىمىز: Paypal.com ئارقىلىق ewlatbiz@gmail.com تور بېكەت ئادرېسىمىز: http://www.ewlat.net ئىلخەت ئادرېسىمىز: ewlatnet@gmail.com ھۆرمەت بىلەن ئەۋلاد تەلىم – تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى.

Latest release

What’s New

Version 4.0.1 Jul 26, 2021

كۆرۈنمە يۈزلەر ئەلالاشتۇرۇلدى، سىن قويۇلۇپ كەلگەن يېرى خاتىرىلىنىدىغان قىلىندى. iOS11 ۋە يۇقىرى نەشرى قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

Audience growth

Ratings growth

Steady
7-day gain +0
Ratings / day 0.0
30-day gain +0
US rating-count history
13 ratings
13 Aug 19, 2026 · 13 ratings Aug 19, 2026

Baseline captured. Growth appears after the crawler observes a changed rating count.

Momentum comes from crawler snapshots for the tracked storefront. “Viral growth signal” means unusually fast recent rating gains; it is an indicator, not download data.

Price tracking

Price intelligence

1 captured event
Current Free
Historical low Free
Paid → free
Price history
Current Free
Free Aug 19, 2026 · Free Aug 19, 2026

First snapshot captured. The trend line starts after the next crawler price observation.

  1. First observed Aug 19, 2026 · 11:29 AM Free

Screenshots

Ewlat iPhone screenshotEwlat iPhone screenshotEwlat iPhone screenshot Ewlat iPad screenshotEwlat iPad screenshotEwlat iPad screenshot